مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن

​− شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بولغان مۇھەببىتى

2021.07.02 08:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزلەش ئۈچۈن».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى مۇشۇنداق شەرھلەپ بايان قىلدى.

  ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەش، بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پۈتۈن دۇنياغا مەسئۇل بولۇش» مۇھەببىتى بىلەن، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىستىقبالى - تەقدىرىنى دۇنيا خەلقىنىڭ ئىستىقبالى - تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

  پۈتۈن دۇنياغا رىشتە باغلاش دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش

  «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇرۇنلا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، دەپ قارايدۇ.» بەش يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇشۇنداق دېگەنىدى.

  پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى ۋە ئاڭلىق ئەمەلىيىتى. 1956 - يىلى يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەنىدى: «جۇڭگو ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرقەدەر زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

  تۇرىدۇ يەر ئايلىنىپ، كۈنلەر ئۆتەر قوغلىشىپ. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، ئەجدادلارغا ۋە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

  «ماركسىزمنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش دېگەن بىر جۈملە سۆزدىن ئىبارەت» دېدى شى جىنپىڭ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشىنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئاساسىي رېڭى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاش» «دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى»دىن ئىبارەت جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ئەقىل - پاراسىتى ۋە قىممىتىگە ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى.

  ھازىرقى دۇنيادا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقى مىسلىسىز، دۇچ كەلگەن يەر شارىۋى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ سانى كۆپ، كۆلىمى چوڭ، دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىمۇ مىسلىسىز بولماقتا. رايون توقۇنۇشىدا قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش مەۋجۇت بولماقتا، زومىگەرلىك، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش مەۋجۇت بولماقتا، باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش يېنىكلىمەي بەلكى ئېغىرلىماقتا، كېسەللىك، ۋابا ھېلىھەم يامرىماقتا. بۇ دۇنيا تىنچ ئەمەس، بۇ جاھان تېخى تىنچلانمىدى!

  ئىنسانلار نەگە بارىدۇ؟ دۇنيادا قانداق قىلغاندا «بۈيۈك بىرلىك»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دەۋرنىڭ سوئالى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي قارىشى ۋە ئورتاق تەقدىرىدىن چىقىش قىلىپ، دۇنياۋى نەزەر تىكلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  − «ھازىرقى دۇنيانىڭ ئېقىمى دېگەن نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش».

  − «دۆلەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز، باي ياكى نامرات بولسۇن، ھەممىسى جەزمەن تىنچلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشى كېرەك، بۇ تەرەپتە سەھنە قۇرۇپ، ئۇ تەرەپتە چۇۋۇماسلىق كېرەك، بەلكى سەھنىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ياخشى ئويۇننى كەينى - كەينىدىن قويۇش كېرەك».

  − «بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىش، ئۆچمەنلىك ۋە ئۇرۇش پەقەت ئاپەت ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بىللە ئۆتۈش، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشلا جاھاندىكى توغرا يول ھېسابلىنىدۇ.

  2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كەينى - كەينىدىن بېسىلغان فوتو ئاپپارات كۇنۇپكىسىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ شۇ چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پەن جىۋېن بىلەن بىرلىكتە بىر پارچە قىزىل شايى يوپۇقنى ئاستا - ئاستا تارتىپ چۈشۈردى. ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېگىزرەك كېلىدىغان، نەپىس، ئېسىل «تىنچلىق لوڭقىسى»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايان بولدى، بۇ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەقدىم قىلغان سوۋغىسى ئىدى.

  «<تىنچلىق لوڭقىسى> جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەشتەك ئارزۇسى ۋە ئېتىقادىنى يەتكۈزدى، بۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ روھى» دېدى شى جىنپىڭ.

  تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنىڭ 2 - كۈنى، شى جىنپىڭ 70 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، «تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»تىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇمىي يولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى. 20 مىنۇتلۇق سۆزدە 15 قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى!

  تىنچلىقنى «ھاۋا ۋە قۇياش نۇرى»غا ئوخشىتىش، تەرەققىياتنى «بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى» دەپ قاراش، قارشىلىشىش ئىنسانلارنى «تۇيۇق يول»غا باشلايدۇ، دەپ تەكىتلەش، «دۇنيادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى كېڭىشىپ بېجىرىشى كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلىش... شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىم سورۇنلاردا جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي ماڭىدىغانلىقىدەك تارىخ لوگىكىسى ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى شەرھلەپ چۈشەندۈردى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، كۈنسېرى كەڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى.

  «باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇش»تا جۇڭگو تەشەببۇس قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت تەرەپدارى. ھازىرغىچە، جۇڭگو بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە 500دىن ئارتۇق خەلقئارا ئەھدىنامىگە قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزالىق بەدەل پۇلى تۆلەيدىغان 2 - چوڭ دۆلەت؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 30غا يېقىن تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تىنچلىقنى قوغداشقا ئەسكەر چىقارغۇچى دۆلەت؛ جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندى تەسىس قىلدى؛ ئىران يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە، ئافغانىستان، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسى، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنى ياراشتۇرۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز يۈكىنى يېنىكلەتتى؛ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى... جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىك پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

  تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى ھەم يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تېز ئاتلاندى. 2020 - يىلى، شى جىنپىڭ «بۇلۇت دىپلوماتىيەسى» شەكلىدە چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 87 قېتىم تېلېفونلىشىپ، 22 مەيدان مۇھىم، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە قاتنىشىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «جۇڭگو ۋاكسىنىسى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ»، 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بۇ خەۋەرنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلدى. بۇ، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىدى. 2021 - يىلى 2 - ئايدا، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۇنجى تۈركۈمدە 10 مىليون ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو 80 نەچچە دۆلەتنى ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، 40 نەچچە دۆلەتكە ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى ئىزاھلاپ، بىر سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنياۋى كەڭ قورساقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  «بىز ھەمكارلىشىشقا موھتاج، شۇنداقلا جەزمەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.» پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئالۋى مۇنداق دېدى: «خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ بىزگە يەتكۈزگەندەك، ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

  تەرەپ - تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش

  2017 - يىلى ۋە 2019 - يىلى، جۇڭگو ئىككى نۆۋەت «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزدى. يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدىكى چوڭ تىپتىكى «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» تېمىسىدىكى تام رەسىمىنىڭ ئالدىدا، نەچچە ئون چەت ئەل تەرەپ رەھبىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قېلىشتىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقىچە، 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي، قەيسەرانە كۈرەش قىلىپ، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەنىدى: «جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭمۇ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا، ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقاردى.

  تانزانىيە شى جىنپىڭ 2013 - يىلى دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن زىيارەتكە بارغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتى. ئاشۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئۇ چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشىدىكى ئاساسىي سىياسەت ئىدىيەسىگە ئايلاندى.

  بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تانزانىيە مەركىزىي لىنىيەسى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولىنىڭ ئىساكادىن مۇۋانزاغىچە بولغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بۇ تۈرگە ئۇل سالدى. بۇ تۆمۈريول تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، تانزانىيە ھەم ئۇگاندا، رىۋاندا، بۇرۇندى قاتارلىق دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەم ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يولغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

  20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا ياسالغان تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىدىن يېقىنقى يىللاردا تىرانسپورت تىجارىتى باشلانغان ئەددىس ئەبېبە - جىبۇتى تۆمۈريولى، مومباسا - نايروبى تۆمۈريولىغىچە، يەنە يېڭىدىن قۇرۇلغان تانزانىيە مەركىزىي لىنىيەسى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولىغىچە، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئافرىقا زېمىنىدىكى تەرەققىيات «يولى» ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاش سەمىمىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر بىردەك بولىدىغانلىقى، ھەرىكىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

  جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. 2000 - يىلى، شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دۇڭگاۋدى ئۆلكىسىنىڭ زەمبۇرۇغ ئوتى، بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىگە ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2018 - يىلى 11 - ئايدا، شى جىنپىڭ تىنچ ئوكياندىكى بۇ ئارال دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، يەنە جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زەمبۇرۇغ ئوتى، بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىدىغان بىر قاتار تۈر كېلىشىملىرىنىڭ رەسمىي ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ تاشقى ياردەم تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زەمبۇرۇغ ئوتى تۈرى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقىلىپ، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان قاتارلىق رايونلاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا كۈچ قوشتى.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ۋىليام جونېس مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمۇ بۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى».

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانماقتا. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا ئاتلانماقتا.

  كېنىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە جۇبىلى پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رافېل تۇجۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولماقتا.

  ئوڭۇشلۇق شارائىتتا بەخت - سائادەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تەس ئەمەس، ئوڭۇشسىز شارائىتتا جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش تېخىمۇ قىممەتلىك. ئەسلىدىنلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن تېخىمۇ چېكىندى. باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن جۇڭگو «ئۆز ئىشىكى ئالدىدىكى قارنى سۈپۈرۈش» بىلەن قانائەتلىنىپلا قالماي، بەلكى قۇربىنىڭ يېتىشىچە دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتىدىن قوزغىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  2021 - يىلى 5 - ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى جۇڭگو خەيكوۋدا ئۆتكۈزۈلدى، تەخمىنەن 70 دۆلەت ۋە رايون، 1500دىن ئارتۇق كارخانا، 2600دىن ئارتۇق ئىستېمال سۈپەتلىك ماركىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىقتىساد - سودا كاتتا يىغىلىشلىرى نۆۋەتلىشىپ سەھنىگە چىقتى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمى مول مېۋە بەردى، جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى «داشيېيى»دىن «ئىنچىكە سىزما رەسىم»گە يۈزلىنىپ، ساغلاملىق، يېشىللىق، رەقەم قاتارلىق يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنلار يەنىمۇ تولۇقلاندى...

  «جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى بازارنى تۇتاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.» شى جىنپىڭ 2020 - يىلى 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە مۇشۇنداق بىلدۈردى.

  «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشتا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ھەمكارلىق نىشانىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.» بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان يازما سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي روھىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى بەرپا قىلىش بولماستىن، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىدىغان گۈلزارلىق قۇرۇش ئىكەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات توغرىسىدىكى پىلانىدا، «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى» باشتىن - ئاخىر مۇھىم سەھىپە بولۇپ كەلدى. 2019 - يىلى 4 - ئايدا، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى ئېتىكى، گۈزەل گۇيشۇي دەرياسى ساھىلىدا، شى جىنپىڭ ۋە چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «بىز يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئەۋلادلىرىمىزنى ھەم مول ماددىي بايلىقتىن بەھرىلىنىش، ھەم يىراقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىش، يېشىل تاغلارنى كۆرۈش، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.» شى جىنپىڭنىڭ شېئىرىي سۆزلىرى جۇڭگونىڭ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە يېشىل تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال ئاتلاندى. «جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.» 2020 - يىلى 9 - ئايدا، شى جىنپىڭ 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ۋەدىسىنى بەردى.

  100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. پۈتۈن دۇنياغا رىشتە باغلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

  كەلگۈسىگە يول ئېچىش ئىنسانىيەت تەغدىرداش بولۇشقا تۈرتكە بولۇش

  قۇياش نۇرى پاتنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالىچىپار تۈۋرۈكىگە بىر قەۋەت ئالتۇن رەڭ بەرگەنىدى. 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى شۇ چاغدىكى گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىبادەتخانا ئېتىكىدىكى ئافېنا قەلئە مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، پات - پات تارىخىي تەپسىلاتلارنى سورىدى. پاتنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچ بۇرجەك لەمپىسىدىكى ئىلاھلارنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ، ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ «بۇ گىرېتسىيەنىڭ <تاغ - دەريالار دەستۇرى> ئىكەن» دېدى.

  «رەئىس شى جىنپىڭ مەلۇم بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىغىلا قىزىقىپ قالماي، بەلكى قەدىمكى يۇنان مەدەنىيلىكى ۋە تارىخىغا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن، قەدىمكى يۇناننىڭ سەنئىتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى» دېدى ئېكسكۇرسىيەگە ھەمراھ بولۇپ چۈشەندۈرگەن مۇزېي باشلىقى پاندېمالىس.

  ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. قانداق قىلىپ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى تېپىش شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە.

  ئۇزاقتىن بۇيان، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مەيدانى ئىزچىل تۈردە «مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكى سەپسەتىسى» «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى سەپسەتىسى» شاۋقۇنى بىلەن تولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە تاراتقۇلىرى خالىغانچە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى قارشىلىشىشقا تېخىمۇ قۇترىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مۇساپىسىگە كاشىلا قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: باراۋەر بولغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولغان مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىشىمىز، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىشىمىز، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىشىمىز كېرەك. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز كۈرىشى ۋە نەزەرىيە تەپەككۇرى ئاساسىدا چىقارغان يەكۈنى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم كۆپ تەرەپلىك يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  «دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ نەرسە دېڭىز - ئوكيان، دېڭىز - ئوكياندىنمۇ كەڭ نەرسە ئاسمان، ئاسماندىنمۇ كەڭ نەرسە ئادەمنىڭ كۆڭلى - كۆكسى.» مىسىرنىڭ لۇكسور ئىبادەتخانىسىدىن چېختىكى ستراخوف كۇتۇپخانىسىغىچە، مېكسىكىدىكى مايا مەدەنىيلىكى خارابىسىدىن ئۆزبېكىستاندىكى بۇخارا قەدىمىي شەھىرىگىچە، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىزلىرى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ چاقناش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى بەش قولدەك بىلىش؛ ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن داڭلىق مەدەنىيەت ئەربابلىرىنى تىلغا ئېلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا كۈچلۈك يېقىنلىق ھېس قىلدۇرۇش؛ جانلىق ئوخشىتىشتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ جۇڭگو يولىنى بايان قىلىش، چەت ئەل ماقال - تەمسىللىرى ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتكە بولغان قارىشىنى ئىپادىلەش... شى جىنپىڭ دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە چوڭ دۆلەت سىياسىيونىنىڭ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى كۆرسىتىپ، ئۈن - تىنسىز ھالدا مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ كۆۋرۈكلىرىنى سالدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رىشتىسىنى چىڭىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىدا، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەتتىن ئىبارەت «ئۈچ چاقلىق قوزغاتقۇچ»نى ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى «مەدەنىيلىك يولى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تۈرتكە بولدى... شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئوخشىمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدا «ھەركىم ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئىدىيە نۇرلۇق چىرىغىنى يورۇتتى، شۇنداقلا جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قويۇق، رەڭدار مەدەنىيلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق چەك - چېگرا ئايرىماي، چوڭ - كىچىكلىك، كۈچلۈك - ئاجىزلىق ئارقىلىق مۇناسىۋەتنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا باھا بەرمەي، پۈتۈن يەر شارىدىكى 600دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات بىلەن «ئۆزئارا دوست بولۇپ»، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئالماشتۇردى، نامراتلارنى ئازايتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇللىرىدىن ۋاقتىدا بەھرىلەندۈردى.

  رۇسىيەلىك ئالىم يۇرى تاۋروۋسكى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاپتى، كاپىتالىزمنىڭ سىرتىدا «ھاياتىي كۈچكە تولغان تاللاش»نى ياراتتى. بۇرۇندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن مبازۇمۇتىما مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزاق تارىخقا ۋە مول تەجرىبە جۇغلانمىسىغا ئىگە بولۇپ، «بىر خىل يېڭى مەدەنىيلىك ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».

  پۈتۈن دۇنيا ئومۇمغا مەنسۇپ، توغرا يولنى بويلاپ يىراققا يۈرۈش قىلىش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىش ھەم ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى يېپيېڭى ھەل قىلىش لايىھەسى، ھەم يەر شارىغا يۈزلەنگەن يېڭىچە مەدەنىيلىك قارىشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىدىيە كۆپ قېتىم ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك يىغىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى. شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە بولغان ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش بولۇپ قالدى.

  «گەرچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر بولسىمۇ، ھەم بۇنداق ياكى ئۇنداق سۈركىلىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا ياشايدۇ، ئوخشاش بىر يۇرت - ماكانغا ئىگە، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇشى كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى <پۈتۈن دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى> دېگەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ، باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى كېرەك».

  شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي، سالماق سۆزلىرى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئىلھام بەردى، ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى بار، ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق كەلگۈسى بار. 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتى ئۈچۈن، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ