باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>ۋەكىللەر ساداسى

ئالەي: قىسمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش ئىلغارلارنى باھالاشقا ئوخشاپ قالدى

2013.03.17 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، يازغۇچى ئالەي دۆلەت ئىچىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەندە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمىدى :« دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش ئىلغارلارنى باھالاشقا ئوخشاپ قالدى. بىر قېتىمدا ئون نەچچە، ھەتتا نەچچە ئون ئادەم مۇكاپاتلىنىدۇ، كۆپچىلىك مۇشۇ مۇكاپات كىنىشكىسىنى ئاپىرىپ، ئۇنۋانىنى باھالىتىپ، مۇئاشىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ خىل باھالاش شەخسكە پايدىلىق، ئەمما بۇ ئەدەبىياتقا زىيانكەشلىك قىلغانلىق».

  ئالەي مۇنداق دېدى: «بىر جەھەتتىن دۆلىتىمىزدە ئاممىنىڭ ئىشىنىش كۈچى بولغان، بولۇپمۇ دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق ئىتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى يوق، يەنە بىر جەھەتتىن، ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەت يېرىم ئارىلاشقان مۇكاپاتلار بەك جىق، نۇرغۇنلىغان باھالاشلار ئاخىرىغا بېرىپ، ئىلغارلارنى باھالاش، تەقسىمات قىلىش ،سالام-سائەت قىلىش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش دېگەندەك ساغلام بولمىغان ئىستىل يەنىلا ئومۇمەن مەۋجۇد، باھالاپ چىقىلغان ئەسەرلەر، يازغۇچىلار ئىسمى-جىسىمىغا لايىق ئەمەس.»

  ئالەي ئەندىشە قىلىپ مۇنداق دېدى « مەن مەملىكەت ئىچىدە بەزى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان، باھالاشتىن بۇرۇن چاقىرىلىپ يىغىن ئېچىپ، ئىدىيىمىز بىرلىكككە كەلتۈرۈلىدۇ. ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلسە، بىز باھالىغۇچىلار نىمە ئىش قىلىمىز؟، بەزى ئەمەلدارلار دائىم يىغىن ئارلىقىدا شەخسىي نەرسىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، قالايمىقان سالام-سائەت قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا زەخمىگە ئۇچرىغىنى دەل بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز، يازغۇچىمىز، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ۋە خەلقىمىز.»

  ئالەي يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بىر ھەقىقي دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مۇكاپاتن خەلقئارا ئومۇمىي ئىشەندۈرۈش كۈچى بار، داڭلىق قىلىش كېرەك. بولۇشقا تىگىشلىك بولغان ئىككى شەرتنىڭ بىرى بۇ مۇكاپاتنىڭ بوسۇغىسىنى يۇقىرى قىلىش، ھەرگىزمۇ كىم ئالغۇسى كەلسە شۇ ئالىدىغان بولۇپ قالماسلىقى، مەمۇرىي جەھەتتىن چوقۇم ئاز ئارلىشىش كېرەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن، خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنغان، ھەقىقىي سەۋىيەسى بولغان باھالىغۇچىلار بولۇشى كېرەك.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر