ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن ئابلەت مۇھەممەدلەر خەۋىرى؛ فوتوسى: خوتەن ۋىلايەتلىك يول تىرانسىپورت ئىدارىسىدىن 2-تۈركۈمدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزا بوستان كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى روزا ھېيت ھارپىسىدا كەنىتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ساخاۋەتچى ياش كادىر ئادىل مۇھەممەد ئۆز يېنىدىن بەش مىڭ يۈەن چىقىرىپ، خوتەن «قۇمبۇلاق»پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 10 مىڭ يۈەن ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇنىڭغا ئالتە تۇياق قوي،76 باك سۇ مېيى سېتىۋېلىپ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەنت قوروسىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ،قويلارنى نەق مەيداندا سويۇپ كەنىتتىكى «تۆت پىشقەدەملەر» ھەم قىيىنچىلىقى بار 76 ئائىلىلىك دېھقانغا تەقدىم قىلىپ،ئۇلارنىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.