خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 7-ئىيۇل كەچتە، گۇاڭدۇڭ فوشەن چەنچېڭ چەنشى ساقچىخانىسىدا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسزلىك تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، بەش سائەت ئىچىدە زەھەر ئەتكەسچىلىك تورىنى يۇقاتتى. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە 8 نەپەر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇماندارى تۇتۇلدى، 2350 گرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى. تەييار زەھەرلىك بۇيۇم «كۈلدۈرگە سۈيى» ۋە يېرىم تەييار كۈلدۈرگە سۈيىدىن تەخمىنەن 26 تۈمەن قۇتىنى قولغا چۈشۈرگەن شۇنداقلا تەقلىد قىلىپ ياسالغان تاپانچىدىن ئىككىنى ۋە بىر تۈركۈم پىچاقنى قولغا چۈشۈردى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى