جۇڭگونىڭ بىرىنچى خانىمى پېڭ لىيۈەن 26-مارت چۈشتىن كېيىن پارىژدىكى نىكىر بالىلار دوختۇرخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ زىققا كېىسلىگە گىرىپتار بولغان ماۋسۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئوماق مۈشۈكئېيىق قونچاق سوۋغا قىلدى. ياتاقتىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا، ماۋسۇ پېڭ لىيۈەننى قۇچاقلاپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، پېڭ لىيۈەن دەرھال زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ماۋسۇنىڭ ئوماق يۈزلىرىنى سىيلاپ ، ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلىدى، خۇشال بولغان ماۋسۇ پېڭ لىيۈەننىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.