ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە جىڭگاڭ ناھىيەسى يۈچيەنچى پورتىدىكى بىيوماسسا ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا شۇ كۈنى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،11 ئادەم ھوشىدىن كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ يۈرىكى ھەرىكەتتىن، ئۆپكىسى ئىقتىداردىن توختاپ قالغان، بىرەيلەن پۈتۈنلەي ھوشىدىن كېتىپ سېزىمسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 11 خىزمەتچى بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى بىر باكتا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ھوشىدىن كەتكەن، باك سىرتىدىكى خىزمەتچىلەردىمۇ نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن، دەپ ھۆكۈم چىقارغان، ھادىسىنىڭ كونكرېت سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن بىيوماسسا ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 7- ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ