مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېرمانىيە زۇڭلىسى غەربنىڭ ئۇكرائىناغا تەمىنلىگەن قوراللىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

2023.02.07 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولتىز ئۇكرائىنا بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غەرب تەمىنلىگەن قوراللارنى پەقەت ئۇكرائىنادىلا ئىشلىتىدىغانلىقى، رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شولتىز گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك سۈرەت گېزىتى»نىڭ 5-چېسلا ئېلان قىلغان زىيارەت ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: مەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي بىلەن غەرب تەمىنلىگەن قوراللارنى پەقەت ئۇكرائىنادىلا ئىشلىتىش، رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم.

  رۇسىيە خەۋپسىزلىكمەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېدۋېدېۋ 4-چېسلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېگەن:موسكۋا ئالاقىدار تەھدىتكە ھەرقانداق شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن، بۇ ئىنكاس تېز، قاتتىق بولۇپ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

  ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ 5-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە لوبايېۋ قورال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋلادىسلاف لوبايېف مۇنداق دېگەن: شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، 2-ئايدىن باشلاپ مىلتىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بىر ھەسسە قاتلايمىز، 4-ئايدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنە بىر ھەسسە قاتلايمىز.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 4-چېسلا 3-چېسلا كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنى تەنقىدلەپ «بۇ قېتىمقى يىغىن رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زومىگەرلىك قارا نىيىتىگە مۇلازىمەت قىلش ئۈچۈن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق تەپتارتماستىن قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇشتا ئاساسلانغان پىرىنسىپقا تامامەن خىلاپ» دېگەن.

  ئۇكرائىنا دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ 5-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئۇل مۇئەسسەسە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 1-ئايدا ئۇكرائىنا قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق 77 پاراخوت ئەۋەتكەن، سىرتقا توشۇغان ئاشلىقى تەخمىنەن 3 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدىكىدىن سەل ئازايغان.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئەسىرگە چۈشكەن 63 نەپەر رۇسىيە خادىمى ئۇكرائىنا تىزگىنىدىكى رايوندىن رۇسىيە چېگراسىغا قايتىپ كەلدى، رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن قويۇپ بەرگەنلەرنىڭ سانىنى ئاشكارىلىمىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ