خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 9 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيەدە (شىمالىي كەڭلىك 37.15 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 36.95 گىرادۇستا) 7.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەر شارىدا جەمئىي 13 قېتىم 6 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 بالدىن 6.9 بالغىچە 9 قېتىم، 7 بالدىن 7.9 بالغىچە 4 قېتىم بولدى، 8 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرمىدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئەڭ قاتتىق بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ