شۇ جاي ۋاقتى 2-چېسلا سەھەردە، كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە بىلەن ئامېرىكا 1-چېسلا يېرىم ئارالنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ بارغان، ئامېرىكا ئارمىيەسى B-1B، F-35B ۋە F-22 قاتارلىق ئايروپىلانلارنى قاتناشتۇرغان.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئائۇستىن بىلەن كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جۇڭشيې كورىيەنىڭ سېئولدا ئۇچراشقان، ئىككى تەرەپ كورىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھەمدە ھەربىي مانېۋىر سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ