مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى

ساقچىلار يەنە نەچچە ئون ئادەمنىڭ خارابىلىك ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى مۆلچەرلىدى

2023.02.01 23:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كيبېر-پۇشتۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پېشاۋەر شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى پارتلاش يۈز بەردى. شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەرگىچە، پارتلاشتا 61 ئادەم ئۆلدى، 150 نەچچە ئادەم يارىلاندى. پىشاۋەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ كۈنى بۇنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى، دېدى. پاكىستان تالىبان باياناتچىسى پارتلىتىش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە مەسچىتتە 300-400 ئادەم بار بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچى مەسچىتنىڭ 1-قەۋىتىگە كىرىپ بومبا پارتلاتقان، مەسچىتنىڭ 2-قەۋىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، 1-قەۋەتتىكى نۇرغۇن ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان، يەر ئاستى 1-قەۋىتىدىكى قىسمەن كىشىلەر كۆمۈلۈپ قالغان ياكى قاپسىلىپ قالغان. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنىلا پائال قۇتقۇزماقتا ھەمدە چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ، خارابىلىكنى تازىلاۋاتىدۇ. ساقچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىرغىچە نەچچە ئون ئادەم خارابىلىك ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان.

  پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرى يۈكسەك ھۇشيار ھالەتتە تۇرماقتا

  پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرى يۈكسەك ھۇشيار ھالەتتە تۇردى، تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىمى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ، پىشاۋەردە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئېغىر پارتلىتىش ھۇجۇمى. 2022-يىلى 3-ئايدا، شۇ جايدىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 60 ئادەم ئۆلگەن، 200 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان.

  جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش دوكلاتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

  شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن-يارىلانغانلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ