مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا «نەپەس ئالالماسلىق»تەك قارا چۈش نېمىشقا تېخىچە ئاخىرلاشمايدۇ؟

2023.01.31 23:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىدىكى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر ساقچىلارنىڭ ئۇرۇشى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، ئۆلۈپ كەتتى. ئالاقىدار سىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشى پارتلىدى، نامايىشچىلار «ئادالەت بولمىسا خاتىرجەملىك بولمايدۇ»، «ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشنى توختىتىڭلار» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈردى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەقەسىگە «ئامېرىكىنىڭ نومۇسى» دېگەن تېما بىلەن باھا بەردى. زادى نېمە سەۋەبتىن، ئامېرىكا خەلقى «نەپەس ئالالماسلىق»تەك قارا چۈشتىن قۇتۇلالمايدۇ؟

  2020-يىلى، ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئەر فلويېدنى تىزداپ ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. گەرچە بۇ ئىشتىن كېيىن ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان، «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان» ھەرىكىتى ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ھە دېسىلا قورال چىقىرىپ زوراۋانلىق قىلىش ئادىتى يەنىلا داۋاملىشىپ، زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ساقچىلىرى 2021-يىلى جەمئىي 1047 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ ساننى ئىستاتىستىكا قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. ئامېرىكا «ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق خەرىتىسى» تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچىلىرى 2022-يىلى 1186 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغانلار %26 نى ئىگىلىگەن، ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغانلار ئامېرىكىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران %13 ىنى ئىگىلەيدۇ. مېمفىس ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن سەل ئىلگىرى، لوس ئانژېلېسقا تۇغقان يوقلىغىلى بارغان 31 ياشلىق ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئوقۇتقۇچى ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىم توك مىلتىقى بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۆلگەن ئىدى.

  ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى پەقەت ئېغىزىدا سۆزلەپلا قويدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئاز بولدى.

  فىلويېد ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى «فىلويېد ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساقچىلارنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى ھەمدە ساقچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. لېكىن پارتىيەلەر كۈرىشى كەسكىن بولغاچقا، قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانمىدى.

  ئامېرىكىدا زوراۋانلىق مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. فىلويېد ۋەقەسى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەلمىدى، بۇ قېتىمقى مېمفىس ۋەقەسىمۇ بەلكىم بىر يېڭى نۆۋەتلىك ۋەقە بولۇشى مۇمكىن. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئوبزورىدا: «بۇ مەسىلە، <بىر تەرەپ قىلىنمىغان يارا ئېغىزى ھېلىھەم سېسىپ، داكا ئىچىدىن قان سىرغىپ چىقىۋاتقان>غا ئوخشايدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ