خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىل ئاخىرىدا، ئامېرىكا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن 50 نەپەر ئافرىقا رەھبىرىنى ۋاشىنگتونغا كېلىپ «ئامېرىكا-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى» ئېچىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا بەرگەن «ئۆزگەرمەس ۋەدىسى»نى نامايان قىلماقچى بولدى. ۋاھالەنكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا خەلقئارا سەھنىدىكى نۇرغۇن قىسمەتلىرىگە ئوخشاش، ئاقساراي مۆلچەردىكى ھەممەيلەننىڭ ئالقىشلىشىنى كۆرەلمىدى، ئەكسىچە بارغانسېرى كۆپەيگەن گۇمان ۋە تەنقىدلەرگە ئېرىشتى.
ئامېرىكا «سىياسەتۋازلار» تور بېكىتىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئافرىقا رەھبەرلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا بىلەن كۆپ ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە قايىل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن «نۇرغۇن ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئالدام خالتىغا چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلدى — 2014-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىدا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئافرىقىغا نۇرغۇن ۋەدە بەرگەن، لېكىن ئارقىدىنلا ئافرىقىنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ياردىمى ۋە باشقا ياردىمىنى ئازايتقان.» ئافرىقىنىڭ تېلېگراف كەسپىگە نۇرغۇن مەبلەغ سالغان ئەنگلىيەلىك كارخانىچى مو ئىبراھىم يېقىندا ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكا ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا چىرايلىق گەپلەرنىلا قىلدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۇنداق بولمىدى، دېدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تۈرلۈك نىقابلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئاشكارا تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئۇزاققا سوزۇلغان ئاپەت پەيدا قىلدى. غەرب ئالىملىرى «ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى: بىز قانداق قىلىپ يەر شارىدىكى ھەر بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىردۇق ياكى ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشتۇق» ناملىق كىتابتا، ب د ت ئېتىراپ قىلغان 190دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچىدە، پەقەت ئۈچ دۆلەت ئامېرىكا بىلەن جەڭ قىلىپ باقمىغان ياكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىر مۇداخىلىسىگە ئۇچرىمىغان، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئامان قېلىشى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ خەرىتىدىن ئۇلارنى تاپالمىغانلىقىدىن بولغان، دەپ كۆرسىتىلدى.
تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ باشقا جەھەتتىكى زومىگەرلىك قىلمىشى بارغانسېرى ئەدەپ كەتتى. مەسىلەن، باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش، بويسۇنمىغان دۆلەتلەرنى يەككە تەرەپلىك جازالاش، نۇرغۇن دۆلەتلەردە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ پايدا ئېلىش، خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ ماس كېلىدىغانلىرىدىن پايدىلىنىش، ماس كەلمەيدىغانلىرىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلار. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمىدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ «چاقىرىقى»غا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلاشماسلىق يۈزلىنىشى بارغانسېرى روشەنلەشتى.
زومىگەرلىك روھىي ھالىتى سەۋەبلىك، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تەپ تارتماي ئىش قىلىش ئۇسلۇبىنى قىلچە يوشۇرمايدىغان بولدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى پومپېئو: «بىز يالغان ئېيتىمىز، ئالدايمىز، ئوغرىلايمىز» دېدى. بۇنداق «سەمىمىيلىك»نىڭ ئارقىسىدا «مېنى نېمە قىلالايتتىڭ» دەيدىغان مۇتتەھەملىك لوگىكىسى بار بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئامېرىكا بىلەن ئالاقە قىلغاندا، باراۋەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇتتى.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپ-تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زومىگەرلىككە بولغان ئىنتىلىشى سەۋەبلىك ھەقىقىي دوستقا ئېرىشەلمەيدۇ. خۇددى كولومبىيە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جېفرى ساكس يېقىندا ئېيتقاندەك: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى، لېكىن قىلغان-ئەتكەنلىرى خەتەرلىك، خىيالىي، ۋاقتى ئۆتكەن ئىدىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھەرگىزمۇ زومىگەرلىك خام خىيالىغا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرئارا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى