رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرى تۈركىيەدە ئۇچرىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
2023.01.13 14:44 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 12 - يانۋار، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى موسكالىكوۋا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا ئالىي رادا (پارلامېنت) كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە مەخسۇس خادىمى دىمىترو لۇبىنېتز بىلەن 11-يانۋار كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ 40 نەپەر ئەسىرنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، بۈگۈن (12-چېسلا) ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. موسكالىكوۋا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ