12-يانۋار، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتىلاش توغرىسىدا جۇڭگونىڭ باھاسىنى سورىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق، جۇڭگو بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدۇ، يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جۇڭگو پۇقرالىرى تالاپەتكە ئۇچرىمىدى، ئافغانىستاننىڭ قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى خادىملىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ