11-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر ئامېرىكا پارلامېنتى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن مەخسۇس جۇڭگوغا قارىتىلغان ئالاھىدە كومىتېت قۇرۇپ، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرىدىكەن. جۇڭگو بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قانداق قارايدۇ؟ دەپ سورىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تىنچلىقتا بىللە تۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ