مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز كۈچلۈك كوماندىلارئارا مۇسابىقە بۈگۈن كەچ باشلىنىدۇ!

دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەققىدە پاراڭلىشىش قوللانمىسى كەلدى

2022.12.11 23:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن كەچ (بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 23) تە باشلىنىدۇ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بىرازىلىيە بىلەن كىرودىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى سەككىز كۈچلۈك كوماندا كىرودىيە، بىرازىلىيە، گوللاندىيە، ئارگېنتىنا، ماراكەش، پورتۇگالىيە، ئېنگىلاند ۋە فىرانسىيە.

  دوستلىرىمىز بىلەن توپ كۆرۈش جەريانىدا، كوماندىلارنىڭ تارىخى، نەتىجىسى ياكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە پاراڭلار كەم بولمايدۇ. تۆۋەندە كوماندىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، دۆلەت ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كوماندىلار ھەققىدىكى كىچىك بىلىملەرنى تەييارلىدۇق، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇۋاپىق پۇرسەتتە نامايان قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!

  بىرازىلىيە

  بىرازىلىيە دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىردىنبىر كوماندا، شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇتۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان كوماندا بولۇپ، جەمئىي بەش قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە، پۇتبوللا ئەمەس، بىرازىلىيەنىڭ ۋاسكېتبول، ۋالىبول ئەمەلىي كۈچىمۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

  بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ توپ كىيىمىدىكى بەش يۇلتۇز ئۇلارنىڭ بەش قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  ئارگېنتىنا

  مېسسى بار بولسىلا، گۇرۇپپىدىن چىقىش كاپالەتكە ئىگە

  ئارگېنتىنالىق توپچى مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا، ئۇ تۇرۇشلۇق كوماندا ئەزەلدىن ھېچقانداق رەسمىي مۇسابىقىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ باقمىغان. دۇنيا لوڭقىسى، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى قاتارلىقلاردا، كوماندىدا مېسسى بولسىلا، گۇرۇپپىدىن چىقىش چوڭ مەسىلە ئەمەس. بۇ قېتىم ئارگىنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىققاندىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، مېسسى ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى داۋاملىق چىمپىيونلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  ماراكەش

  ئۇدا ياخشى نەتىجە ياراتقان ئافرىقا كوماندىسى ___

  ماراكەش كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن كىرودىيە كوماندىسى بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن بېلگىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. ئافرىقىدىكى كوماندىلاردىن ئالدىنقى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققىنى 24 يىل بۇرۇنقى نېگىرىيە كوماندىسى ئىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك شاللاش مۇسابىقىسىدە ماراكەش كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، ئافرىقىدىكى كوماندىلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى.

  پورتۇگالىيە

  س رونالدونىڭ ئىسمى ئەمەلىيەتتە.....

  پورتۇگال تىلىدىكى ئىسىملار ئادەتتە بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە ئىسمى ئانىسىنىڭ فامىلىسى ھەم دادىسىنىڭ فامىلىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. مەسىلەن س رونالدونىڭ تولۇق ئىسمى كىرىستىيانو رونالدو دوس سانتوس ئاۋىرو.

  ئېنگىلاد

  نېمىشقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەنگلىيە كوماندىسى يوق؟

  ئەنگلىيەنىڭ تولۇق نامى بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى بولۇپ ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋېلس ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيەدىن تەركىب تاپقان. بۇ تۆت رايوننىڭ ھەممىسىنىڭ پۇتبول جەمئىيىتى بار، قۇرۇلغان ۋاقتى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن بۇرۇن. تۆت جەمئىيەت كېيىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشتى. كېسىپ ئېيتقاندا، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ پۇتبول جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىشتۇر.

  فىرانسىيە

  «ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون قارغىشى»نى بۇزۇپ تاشلىدى

  ئۆتكەن ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان كوماندىلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتكەن ئىدى. ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيەلەر بۇ «قارغىش»تىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى. بىراق ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان فىرانسىيە كوماندىسى «قارغىش»نى بۇزۇپ تاشلاپ، كۈچلۈك كوماندا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ھەمدە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە پولشا كوماندىسىنى يېڭىپ، داۋاملىق كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسىغا قاراپ ئاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ