مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئۆگەنگۈچىلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازدى

2022.12.09 01:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئۆگەنگۈچىلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ياشلىرىنى جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىل بىر دۆلەتنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئاچقۇچ، سىلەرنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» ئالماشتۇرۇش تۈرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، مول، رەڭدار، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى چۈشەنگەنلىكىڭلاردىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم. ھازىر، جۇڭگو خەلقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا. بىر ـ بىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش، قارشى تەرەپنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلىق باھار چەكسىز ئۈمىد يېتىلدۈرىدۇ، ياش ئەۋلادلار جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى. ساۋاقداشلارنىڭ ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساۋاقداشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، جۇڭگو ياشلىرى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى قارشى ئالىمەن.

  يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگەنگۈچى ۋە ھەۋەسكار ياش رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىشتىكى ھاسىلاتى ۋە تەسىراتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگونى يەنىمۇ چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياش ئەلچى بولۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو تىل ـ يېزىقى سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي توققۇز داشۆدە جۇڭگو تىل ـ يېزىقىغا ئالاقىدار كەسىپلەر تەسىس قىلىنىپ، جەمئىي 300دىن ئارتۇق يەرلىك ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەندى، 1100دىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» تور قىشلىق لاگېرىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەندى، 1000دىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى تور مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ