شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.12.05 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس مىچېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىككى چوڭ بازار، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك. جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو - ياۋروپا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانچە داۋالغۇش بولغانسېرى، يەرشارىۋى خىرىس شۇنچە گەۋدىلىك بولىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن تۈنۈگۈن كېسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شاڭخەيدە ۋاپات بولدى. يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە كۆڭۈل بۆلگەنىدى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەيمىز ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر كەلگۈسى يول ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى جۇڭگو جاۋابىنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىچكى جەھەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ تاشقى جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىش. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىكى تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك سىياسىي ۋەدىسى بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بىزنىڭ ئۆز تۈزۈمىمىزنىڭ مۇقىملىقى، ئىدارە قىلىشىمىزنىڭ مۇقىملىقى، سىياسىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتكە قىممەتلىك بولغان ئېنىقلىق، مۇقىملىق قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەرقايسىسىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان تاللىشى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىدىكى مۇھىم ھەمراھىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار پۇرسىتى، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  شى جىنپىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:


  بىرىنچى، توغرا تونۇشقا ئەمەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا تۈپ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش يوق. جۇڭگو تەرەپ زومىگەر بولۇش، زومىگەرلىك قىلىشنى ئويلىمايدۇ، ئەزەلدىن تۈزۈم كېڭەيمىچىلىكى قىلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىقى، گۈللىنىشىنى قوللايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە تىنچ بىللە تۇرۇشنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تىركىشىشتىن ھالقىپ، تۈزۈم جەھەتتىكى قارشىلىشىشتىن ھالقىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  ئىككىنچى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىدېئولوگىيەسىدە پەرق مەۋجۇت، ئىككى تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنى ساقلاش كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، بولۇپمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماي، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئورتاق قوغداشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا جۇڭگو - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.


  ئۈچىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ياۋروپا جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ھەمراھى، شۇنداقلا مەنپەئەتلەنگۈچىسى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ داۋاملىق قاتنىشىپ، داۋاملىق ئورتاق نەپ ئېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار، كاپىتال، تېخنىكا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل مۇھىت قوغداش، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان يېڭى تۈرتكىلىك كۈچىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ئورتاق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، قورۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئورتاق قارشى تۇرۇشى، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، قوراللاشتۇرۇشقا ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا كارخانىلىرىغا قارىتا ئېچىۋېتىش ھالىتىنى ساقلايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئوچۇق بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  تۆتىنچى، خەلقئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىقلارنى يېتەكلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ياۋروپا تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىشنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يەرشارىۋى دەرۋازا» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك مېخانىزملار ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.


  مىچېل شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن خىرىس ۋە كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى قوغدايدىغان ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدىغان مۇھىم ھەمراھ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق يۈزتۇرا ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى قەدىرلەيدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە سەمىمىي بولۇش روھى بويىچە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك، كۆزلىگەن ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېيىنكى باسقۇچلۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشنى ئازايتىپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئېنېرگىيە كىرىزىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى مۇساپىسىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.


  ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگودا قەدىمكىلەرنىڭ «شەھەر قوۋۇقىغا ئوت كەتسە، كۆلچەكتىكى بېلىققا بالا كەپتۇ» دېگەن سۆز بار. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش ياۋروپانىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، كىرىزىسنىڭ كۈچىيىشى، كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ياراشتۇرۇش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كىرىزىسنىڭ تاشما تەسىرىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ، لاگېرلار قارشىلىشىش خەۋپ - خەتىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇش، مۇرەسسە قىلىشنى زورايتىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، داۋاملىق ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.


  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ