مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى ھەم ئۇنىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ باباۋشەنگە كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ باردى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى ھەم يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ باردى. خۇ جىنتاۋمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى

2022.12.07 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىدىن باباۋشەنگىچە، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بەس ـ بەس بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى


  12ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


  12ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


  12ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


  12ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى


  پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى ھەم يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ باردى. خۇ جىنتاۋمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتتى.


  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىدالىشىش زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى. ئاپئاق گۈل، قارا يىپەك رەختكە يېزىلغان تەزىيەنامە كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ۋىدالىشىش زالىنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستىگە: «يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ چوڭ ئەنلىك رەڭلىك سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى. تۆت مۇراسىم ئەسكىرى قورال تۇتۇپ ھۆرمەت بىلەن ئىككى تەرەپتە قوغداپ تۇراتتى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى ئالدىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ گۈل سېۋىتى قويۇلغان بولۇپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىغا «سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى. ۋىدالىشىش زالىغا شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ۋە مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما تەقدىم قىلغان گۈل سېۋىتى تىزىلغانىدى.


  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، تۆۋەن ئاۋازدىكى ماتەم مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار مەيدىسىگە ئاق گۈل، بىلىكىگە قارىلىق تاقاپ، ئاستا قەدەم بىلەن ۋىدالىشىش زالىغا كېلىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى ئالدىدا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇردى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چوڭقۇر ياد ئەتتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.


  سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، سەككىز نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى جەسەت ساندۇقىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ۋىدالىشىش زالىدىن ئاستا چىقتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقىلدى.


  سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى، دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتى ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن، ئاپتوموبىل باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئاستا يۈرۈپ كەتتى. ئاپتوموبىل قوزغالغاندا، نەق مەيداندا ئۇزىتىۋاتقان يولداشلار قايغۇلۇق ھېسسىيات بىلەن ھۆرمەتتە تۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلغا نەزەر سالىمى بەردى.


  ئۇزۇن كوچا سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، ھەممە قايغۇغا چۆمگەنىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىدىن باباۋشەنگىچە، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بەس ـ بەس بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.


  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتوموبىل باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا كىرىپ كەلدى. چوڭ زالدا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى يولداش جياڭ زېمىن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى.


  بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزاتقانلاردىن يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ