مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.12.01 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، شۇنداقلا يەرشارىۋى ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ كۈچ. تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئىزاھلىدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


  شۇ كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ