پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە خەت

2022.11.30 23:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:




  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىدىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە خەت


  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئىنتايىن قايغۇرغان ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كۆپ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2022-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 12 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان، يۈكسەك نام-ئابرۇيغا ئىگە ئاجايىپ رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيە 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى.

  يولداش جياڭ زېمىن ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يولداش جياڭ زېمىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ چېنىقىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاللاپ، ئاخىرى مىللىي ئازادلىق، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك كىشىلىك غايە ۋە ئېتىقادنى تىكلىگەن. يولداش جياڭ زېمىن 1947-يىلى شاڭخەي قاتناش داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەپ، ئىشچىلار ئاممىسى ئارىسىدا ۋە ياشلار ئۇيۇشمىسى كەچلىك كۇرسىدىكى كەسىپكار ياشلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1949-يىلى ئىشچىلار ئاممىسىنى زاۋۇتنى قوغداش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا، شاڭخەينىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللىگەن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1-زاۋۇتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي سوپۇن زاۋۇتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى، 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي 2-لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسى ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1954-يىلى دۆلىتىمىز چاڭچۈندە 1-ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنى قۇرغان، بۇ زاۋۇت زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا كادىرلىرى ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلارغا ئېھتىياجلىق ئىدى، يولداش جياڭ زېمىن يۆتكىلىپ بېرىپ، 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا ستالىن ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا پىراكتىكا قىلغان. يولداش جياڭ زېمىن 1956-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چاڭچۈن 1-ماشىنىسازلىق زاۋۇتى دىنامىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش دىنامىك، دىنامىكا شۆبە زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. يولداش جياڭ زېمىن 1962-يىلى 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ پەن تەتقىقات رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. يولداش جياڭ زېمىن 1966-يىلى ۋۇخەن ئىسسىقلىق ماشىنىلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن پارتكوم شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن زەربىگە ئۇچرىغان. 1970-يىلى، يولداش جياڭ زېمىن 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىغا يۆتكەلگەن، 1971-يىلى جۇڭگو 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى رۇمىنىيەگە ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باش گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، 1973-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان. 1980-يىلى يولداش جياڭ زېمىن دۆلەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى بولۇپ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىدە ئالاھىدە سىياسەت، جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇش قاتارلىق ئىجادىي خىزمەتلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغان. 1982-يىلى يولداش جياڭ زېمىن ئېلېكتىرون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1983-يىلى مىنىستىر، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى بولۇپ، ئېلىمىز ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. يولداش جياڭ زېمىن 1982-يىلى 9-ئايدا، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان.

  يولداش جياڭ زېمىن 1985-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى، ج ك پ شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. يولداش جياڭ زېمىن 1987-يىلى پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، شاڭخەيدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى پىلانلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1989-يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي مالىمانچىلىق يۈز بەردى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مالىمانچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى توغرا تەدبىرىنى ھىمايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، شاڭخەينىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىغان.

  1989-يىلى پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى، پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1990-يىلى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

  يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئېغىر سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىپ، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز زور قىيىنچىلىق ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇشۇ زور تارىخىي پەيتتە، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېقىندىن تايىنىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىززەت-ھۆرمىتى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچقان.

  پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 13 يىلدا، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش مۇساپىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتايىن ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ۋەزﯨﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻳﻮﻟﺪاش ﺟﻴﺎڭ زﯦﻤﯩﻦ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻪركىزىي رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪپ، ﻣﺎرﻛﺴﯩﺰم-ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰم، ﻣﺎۋ زﯦﺪۇڭ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ، دﯦﯔ ﺷﻴﺎۋﭘﯩﯔ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﯘﻟﯘغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتتى. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورناتتى. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلەر ۋە زور ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21-ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى. پارتىيەنىڭ يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تاسادىپىي خەلقئارا ۋەقەلەرگە بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 13 يىلدا پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون بولۇشتەك ئاجايىپ قابىلىيىتى، ئاچقۇچلۇق رولى ۋە يۈكسەك سىياسىي رەھبەرلىك سەنئىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  يولداش جياڭ زېمىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋەزىيىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر ۋە دۇنيا يېڭى ھەربىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماۋزېدۇڭ ھەربىي ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە رەھبەرلىك قىلدى. يولداش جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سىياسىيدا لاياقەتلىك، ھەربىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش باش تەلىپى بويىچە ئۇرۇشتا يېڭىش، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي ئېغىشماستىن چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدا باشتىن-ئاياق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، جاسارىتى، ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاش؛ پائال مۇداپىئەلىنىش ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئارمىيە قۇرۇش، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش نىشانىغا ئاساسەن، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، ئارمىيەمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى تىرىشچان-ئىقتىسادچىللىق بىلەن قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىش؛ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ۋە قورال-جابدۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما ئاز، ئۈنۈم بىر قەدەر يۇقىرى يولىدا مېڭىش؛ تىنچ مەزگىلدىكىسى بىلەن ئۇرۇش مەزگىلدىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي ئېھتىياجنى خەلق ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈش فاڭجېنىغا ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكا شارائىتىدىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيە تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. بۇلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يولداش جياڭ زېمىن ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەمىز تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇنغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ ئۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ھەقىقىي ماركسىزمچىنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە نەزەرىيە جاسارىتىنى نامايان قىلدى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىدە پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىش، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىش، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش گەۋدىلىك تەكىتلىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئورۇنداشنىڭ ئاساسى تۇتۇلدى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇكى، بىر قاتار زىچ باغلانغان، بىر-بىرىگە سىڭگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئارقىلىق سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جاۋاب بېرىلدى؛ قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىلدى. بۇ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مەركەزنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتتىن چېكىنىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ئەينى چاغدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئۆزگىرىشچانلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پارتىيە 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىننىڭ ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىشى قارار قىلىندى. پارتىيە 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئادا قىلدى. 2004-يىلى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان يىراقنى كۆرەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى. 2006-يىلى، يولداش جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» 1-، 2-، 3-تومىنى تەھرىرلەشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ بېكىتتى. «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»دا ئاساسلىقى يولداش جياڭ زېمىننىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  يولداش جياڭ زېمىن يىراقنى كۆرۈپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ھەمىشە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. يولداش جياڭ زېمىن ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىشلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىدۇ، دائىم پارتىيە ۋە خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ، باشتىن-ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ غايە-ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھالقىلىق پەيتتە كەسكىن تەدبىر بەلگىلەيدىغان ئاجايىپ جاسارەتكە ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىدىغان غايەت زور جاسارەتكە ئىگە. يولداش جياڭ زېمىن ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمىشە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تومۇرى ۋە پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يول تېپىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ھەم يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش جياڭ زېمىن ئاممىنى ھۆرمەتلەپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى سىنىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى بىزنى مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز زىيان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

  بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەمىزنى ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز چوقۇم ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، دادىللىق بىلەن نەزەرىيە جەھەتتە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرى چاچقۇزۇشىمىز لازىم.

  بىز چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز چوقۇم جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشىمىز، خەلق بىلەن باشتىن-ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز كېرەك.

  بىز چوقۇم «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئىنقىلابىي خىسلىتىنى، ئۇنىڭ ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىلمىي پوزىتسىيەسى ۋە ئىجادكارلىق روھىنى ئۆگىنىپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا يولداش جياڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە كۈرىشى مۇجەسسەملەنگەن. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات!





  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ