مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنى 43-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2022.11.27 23:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنىنىڭ رەئىسى، كامبودژا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەن ساڭلىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنى 43-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، تەقدىرداش ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشى بىلەن، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، سۈرئەتنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، «بەش چوڭ يۇرت-ماكان» قۇرۇلۇشىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى __ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلىشىش. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيەسى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە مەنپەئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى داۋاملىق دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئىدىيەلىرى بىر-بىرىگە باغلانغان. جۇڭگو ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ. «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى نىزامنامىسى»دىمۇ «ئادەمنى ئاساس قىلىش» مۇھىم پىرىنسىپ قىلىنغان، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 2025-يىللىق مەنزىلى»دە بولسا «ئادەمنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات» تەكىتلەنگەن. ئۇزاقتىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلار ئارا يىغىنى ئوخشاش ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلار ئارا يىغىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى بىلەن داۋاملىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ يوللۇق دوستانە بېرىش-كېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتى ۋە ئۆز رايونى خەلقىگە بەخت يارىتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ