مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ باڭكوكقا يېتىپ باردى

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ

2022.11.23 02:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تايلاند باڭكوكقا يېتىپ باردى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ ۋە رەپىقىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دون ۋە رەپىقىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىتىپېڭ ۋە رەپىقىسى قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇردى، چىرايلىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن شۇ جايدىكى ياشلار ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ، ئون بارمىقىنى جۈپلەپ سالام بېرىپ قارشى ئالدى، تايلاندتىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى جۇڭگو - تايلاند ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن ئايرىلىپ، تۇرىدىغان مېھمانسارايغا قاراپ مېڭىش يولىدا، غايەت زور ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا «جۇڭگو قىزىل رېڭى» كۆرۈندى، جۇڭگو بىلەن تايلاند ئىككى دۆلەت يېزىقىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جانابلىرى ۋە رەپىقىسى، پىروفېسسور پېڭ لىيۈەننى قىزغىن قارشى ئالىمىز» «جۇڭگو بىلەن تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى، ھەممە جايدا قىزغىن، دوستانە، دوستلۇق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە تايلاندتا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، «شى جۇشىنىڭ تايلاندقا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» «تايلاندتىكى چياۋمىن قېرىنداشلار رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل رەڭلىك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، «شى جۇشى ياخشىمۇسىز!» «شى جۇشىنى قارشى ئالىمىز!» دەپ تەنتەنە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە چىن قەلبىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  ئالدىن يېتىپ بارغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن جىچياڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن باڭكوكقا يېتىپ باردى. بالى ئارىلىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسى، دېڭىز - ئوكيان ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇخۇت قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئايروپورتتا قىزغىن، دوستانە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئايروپورتقا بارىدىغان يولدا، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى يول بويىغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ