شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.11.18 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يۈ چيەنلياڭ، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.


  شى جىنپىڭ ۋە جوكو ئالدى بىلەن بىرلىكتە جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنى سىنلىق كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان سىننى كۆردى.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پويىزىدىكى جۇڭگو تەرەپ ۋە ھىندونېزىيە شوپۇرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريولى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پويىزىنىڭ تەييارلىقنى تاماملىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.


  شى جىنپىڭ بىلەن جوكو «باشلانسۇن!» دەپ بۇيرۇق بەردى. يېپيېڭى، كۆركەم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پويىزى تېگاللور ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى ھەم سۈرئىتىنى تەدرىجىي تېزلەتتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.


  جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ھىندونېزىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن جاكارتا بىلەن ۋەنلۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۈرۈش ۋاقتى ھازىرقى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن 40 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ.


  ئارقىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.


  شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ھىندونېزىيە ھەمكارلىقىدا ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايون ۋە پۈتۈن يەرشارى قاتلىمىدا ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بېكىتىلدى. ھىندونېزىيەمۇ 2045 - يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كەلگۈسى نىشانىغا قاراپ تېز قەدەم تاشلىماقتا. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، ھەمراھ بولۇپ بىللە مېڭىشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ھىندونېزىيەنىڭ «يەرشارىۋى دېڭىز - ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ھىندونېزىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو مەبلەغ سالغان مۇنەۋۋەر كارخانىلارنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى ۋە شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسى قۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەبلىغى توپلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يارقىن نۇقتا قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇپ، دىققەتنى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ.


  جوكو مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا تەبرىكلەيمەن. بايا مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولى، ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ كېلەر يىلى قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ۋە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، داۋالاش - سەھىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى ھەمدە ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەرىكەت پىلانى(2026 − 2022)، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ھەمدە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، كەسپىي مائارىپ، دورىلىق ئۆسۈملۈك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.


  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.


  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ