شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2022.11.21 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى تايلاند باڭكوكتىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، لىن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى تايلاند باڭكوكتىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.


  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، تايلاند زۇڭلىسى بايۈنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.


  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پۈتۈن يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى» يارىتىلدى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھازىر، دۇنيا يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇھىم، رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.


  شى جىنپىڭ بىرقانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  بىرىنچى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تىنچ، مۇقىم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىدىكى بىر مۇھىم ئىلھام شۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئىشقا يولۇققاندا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىققا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت. بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش ـ تارتىشلارنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.


  ئىككىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىيدىغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى قۇرۇش كېرەك. بىز ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇپ، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى، جۇڭگو تەرەپ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئويلىشىدۇ.


  ئۈچىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى قۇرۇش كېرەك. بىز ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جانلىقلار ئىقتىسادى، ئايلانما ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد باڭكوك نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئالغا سىلجىتىدۇ. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.


  تۆتىنچى، تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى قۇرۇش كېرەك. بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا ئىستراتېگىيەلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن قاراپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدىكى ئاساسىي يوللۇق ئورنىنى قوغدىشىمىز، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ ئائىلە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنقى ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى. جۇڭگو بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، دۇنيا، بولۇپمۇ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن قىلىدۇ.


  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: تايلاندتا «قانداق ئۇرۇق چاچسا شۇنداق مېۋە بېرىدۇ» دېگەن ماقال بار. بىز پۇتراجايا ئارزۇسىنىڭ ئۇرۇقىنى ئورتاق تېرىدۇق، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، ئورتاق ئاسراپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلغان گۈللىنىش گۈللىرىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك!


  يىغىنغا بايۈ رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىش، تۇتاشتۇرۇش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش».


  11ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى.


  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ