مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ كېنەزى ھېنرى جۇڭگو - ليۇكسېمبۇرگ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.11.23 02:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ كېنەزى ھېنرى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ليۇكسېمبۇرگ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەت دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جېڭجوۋ − ليۇكسېمبۇرگ «بوشلۇقتىكى يىپەك يولى» جۇڭگو بىلەن ياۋروپانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان بوشلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ليۇكسېمبۇرگ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشتى. مەن جۇڭگو - ليۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، كېنەز ھېنرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ليۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ھېنرى مۇنداق بىلدۈردى: ليۇكسېمبۇرگ بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ليۇكسېمبۇرگ تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ليۇكسېمبۇرگ باش ۋەزىرى بېتتېل بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ليۇكسېمبۇرگ تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ليۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بېتتېل مۇنداق بىلدۈردى: ليۇكسېمبۇرگ تەرەپ ليۇكسېمبۇرگ - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ