مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى

جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2022.11.21 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا يازما نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا يەنە بىر قېتىم تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. دۇنيا قايسى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ؟ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى قانداق قىلىدۇ؟ بىز جەزمەن جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى رايون تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى. تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش كېرەك.


  تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، بولۇپمۇ ئوتتۇراھال، كىچىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى، «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى» ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھېچكىمنىڭ ئارقا گۈللۈكى ئەمەس، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېلىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» سۇيىقەستى بىلەن شۇغۇللىنىشقا خەلق قوشۇلمايدۇ، دەۋر يول قويمايدۇ!


  ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان يولدا مېڭىش كېرەك. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىللىق بولۇش، كەمسىتىش بولماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار رايون ھەمكارلىق رامكىسىنى بەرپا قىلدى. دەل مۇشۇنداق كەڭ قورساقلىق ۋە ئەندىزىگە تايانغاچقا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى چەكلەش، ھەتتا ئۈزۈۋېتىش پەقەت ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى «تۇيۇق يول»غا كىرگۈزۈپ قويىدۇ.


  بىر ياقىدىن باش چىقىرىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق داۋامىدا ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئاساسىغا ئايلاندى. ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، دەۋر خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق ئېچىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.


  بىرىنچى، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


  ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات مۇھىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى پائال قوللاپ، ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يېڭى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.


  ئۈچىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتنىشىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»، «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


  تۆتىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى يېتەكچى قىلىپ، قاتتىق ماتېرىياللارنى تۇتاشتۇرۇش، يۇمشاق ماتېرىياللارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خادىملار ئالاقىسىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى ئورتاق قۇرىدۇ.


  بەشىنچى، مۇقىم، راۋان بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، بازار پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك.


  ئالتىنچى، ئىقتىسادنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىدا رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل كەسىپ ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان يېشىل ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئىش، دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كەلگۈسى 15 يىلدا 800 مىليوندىن ئاشۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا قارىتا بايلىق سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەڭپۇڭ، ئاكتىپ، ياخشىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن مەنپەئەتلەندى، شۇنداقلا ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ. سودا - سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ