شى جىنپىڭ بالى ئارىلىغا يېتىپ باردى

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2022.11.16 22:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى نۇراخ راي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى، تەكلىپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپورتتا ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسى، دېڭىز ـ ئوكيان ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇخۇت، بالى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى كوستېر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، يۈ چيەنلياڭ) 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، تەكلىپ بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بالى ئارىلىدىكى نۇراخ راي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسى، دېڭىز ـ ئوكيان ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇخۇت، بالى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى كوستېر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى، مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن شۇ جايدىكى ياشلار ھىندونېزىيەنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى گەملەن بىلەن مۇزىكا ئورۇنلىدى، چىرايلىق كىيىنگەن ھىندونېزىيەلىك قىزلار بالى ئارىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «پاندى ئۇسسۇلى»نى ئوينىدى، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو تىلىدا «خۇەنيىڭ (قارشى ئالىمىز)، خۇەنيىڭ (قارشى ئالىمىز)!» دەپ تەنتەنە قىلدى.

  ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئايروپورتتىن تۇرىدىغان مېھمانسارايغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ