مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن كۆرۈشتى

2022.11.21 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن كۆرۈشتى.



  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىكى ئۈلگىسى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.



  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، نامراتلارنى ئازايتىش، يېزا ئىگىلىكى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق ئالتە چوڭ ھەمكارلىق سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلېكتىر تورى، زەمبۇرۇغ ئوتى ۋە بىنەم شال تېخنىكىسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ جەھەتتە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. مەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشنى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى خالايمەن.



  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇنى 3 ـ تەرەپكە قاراتمايدۇ، شۇنداقلا يەر ـ ئورۇن تالىشىشقىمۇ قىزىقمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.



  ماراپى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈز مىليونغا يېقىن كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى قاتارلىق خالىس ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار، مائارىپ قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ھېچقانداق كۈچ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.



  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ