شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

2022.11.18 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ. بىز جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى مۇھىم بىلىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياغا كۆپرەك ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىشى كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىنى ئىلگىرىكىدەكلا توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى. دۇنيا تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر يەرشارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئاجىز دۆلەتلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بىز تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەربىر دۆلەت، ھەربىر كىشىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر دېگىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، قۇرۇق شوئار توۋلىماي، بەلكى نەتىجە تىزىملىكىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەيمىز. جۇڭگو تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي قوللايدۇ.


  گۇتېررېس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاشلىق، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقا - ئارىدىن يۈزبەرگەن كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات باراۋەر بولماسلىق، تەڭپۇڭ بولماسلىق ھادىسىسى ئىنتايىن ئېغىر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا ماس كېلىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە، جۇڭگونىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تەڭداشسىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى تېگىشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق، جەزمەن ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ