مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خېنەن ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

2022.11.24 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 16لەردە، خېنەن ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە ئوت ئاپىتى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ھادىسىدە 38 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.


  ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر! يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يىل ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىرتەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى كېرەك.


  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنى خېنەنگە بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ