«شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.
بۇ كىتابچىغا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدىكى يازما نۇتقى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدىكى مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ