مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرى ئېچىلدى

خەن جېڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.12.01 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 29–كۈنى، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو -رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرى تور سىرتى ۋە تورنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بېيجىڭ ۋە موسكۋا ئىككى جايدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى.


  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر قاتار يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، يەر شارى ئېنېرگىيە سىستېمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇش، يەر شارىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


  خەن جېڭ جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر، چېگرادىن ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتلەر، ئىستېمال قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئۈچىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.


  رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى نوۋاك، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لىدېرى سېچىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سېچىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقىدى ھەمدە سۆز قىلدى، نوۋاك سۆز قىلدى.


  جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئېنېرگىيە كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، كەسپىي جەمئىيەتلەردىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ