مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيسى ۋۇناگىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

​لى كېچياڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.11.28 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيسى ۋۇناگىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سولومون تاقىم ئاراللىرىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈزبەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، سولومون تاقىم ئاراللىرى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى بىر - بىرىنى قوللايدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنى قولىدىن كېلىشىچە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرتىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.


  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ