مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئاچتى

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جايلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى

2022.11.25 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جايلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى پۇختا يولغا قويۇپ، 2- پەسىلنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. 4-پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان ھالقىلىق ۋاقىت، شۇڭا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، بىر قەدەر ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. ئالدىنقى مەزگىلدە يولغا قويۇلغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە مەدەت بەردى، بۇ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يەنە ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلارنىڭ ئەھۋالىدا پەرقلەر بولغانلىقتىن، كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسمى ئەمەلىيلەشمىدى، داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


  بىرىنچى، چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىر ئىككى تۈركۈمدىكى پۇل مۇئامىلە قوراللىرى 2700 دىن ئارتۇق چوڭ تۈرنى قوللاپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى. مۇھىم تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى داۋاملىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ مەبلەغ چىقىمى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان جايلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەقىقەتەن ۋاقتىدا ئىش باشلاشقا ئامالسىز قالغان تۈرلەرنى تەڭشەش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى، سۈپەت بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


  ئىككىنچى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان تۈرلەرنىڭ قەرز پۇلى كېلىشىمى ئاساسىدا، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەخسۇس تۈردىكى قايتا قەرز پۇل تارقىتىش ۋە مالىيە ياردەم ئۆسۈمى ئاجرىتىپ بېرىشكە يۆتكەپ، پۇل ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ۋە ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


  ئۈچىنچى، ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تۇرالغۇ پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس قەرز پۇلىنىڭ تېزدىن تۈرلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا بانكىلىرىنى يېڭىدىن تۇرالغۇ پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قەرز پۇلى تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تاپشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


  تۆتىنچى، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا سىجىل كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرۇپ، ئاساسىي غول يول ۋە مىكرو ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پورت، ۋوگزال، بېكەت قاتارلىقلارنىڭ توپلاش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇشنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توساق بۆلەكلەرنى ۋاقتىدا ئېچىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك.


  بەشىنچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بانكىلارنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق ساقلانما قەرز پۇلغا مۇۋاپىق پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئوبورتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.


  ئالتىنچى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئىشسىزلارنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جازالاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش كېرەك. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى نازارەتچىلىك–يېتەكچىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئالاقىدار جايلارغا بېرىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ۋە ئېھتىياجلىق مۇلازىمەت ياردىمى بېرىپ، جايلار ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش سۈرئىتى ئاستا بولۇۋاتقان رايون ۋە ساھەلەردە مەسىلىلەر ۋە سەۋەبلەرنى توغرا تېپىپ، كېسەلگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.


  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى





مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ