مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى خۇرىلسۇخ بىلەن كۆرۈشتى

2022.11.30 00:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى خۇرىلسۇخ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، كۆپ جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلايدۇ. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ، موڭغۇلىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە ھەمكارلىقى ھەم رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق، ھەم دۇنيا تىنچلىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم تەمىنلەشنى ئورتاق قوغداپ، چېگرا پورتلىرىدا مال ئۆتكۈزۈش، تۆمۈريول پورتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  خۇرىلسۇخ جۇڭگونىڭ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پات ئارىدا ئىمزالىنىدىغان يېڭى نۇسخىدىكى موڭغۇلىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، چېگرا پورتلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تىرىشىپ، موڭغۇلىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى خۇرىلسۇخ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بىرلىكتە، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، سۆھبەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن چىقىرىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  خۇرىلسۇخ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاققىچە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، موڭغۇلىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  بەيما چىلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ