شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.12.02 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى


  11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى


  11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، قوشنىلار ئارا ئىناق ـ دوستانە ئۆتۈش، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىغا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتە سىرداش دوست بولۇپ، جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشىش ۋە تۆھپە قوشۇش كېرەك.


  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن كېسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۈگۈن شاڭخەيدە ۋاپات بولدى. يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو پارتىيەسى، ئارمىيەسى، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. بىز يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.


  تۇڭلۇن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى ۋە خەلقىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشلا قايغۇرىدۇ. يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ مۇھىم تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يولداش جياڭ زېمىن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، 2000 ـ يىلى لائوستا زىيارەتتە بولغاندا «16 خەتلىك فاڭجېن»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لائوس ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىغانىدى. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگولۇق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە لائوس ـ جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى توڭلۇن بىلەن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئۆز رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ـ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ـ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.


  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىندى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تەكىتلەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى. بىزنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى 11 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ قوغدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس خەلقىنىڭ چوقۇم لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى 11 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ تاغلىرى تومۇرداش، سۇلىرى مەنبەداش بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ يېقىن ئۆتۈپ كەلگەن ياخشى قوشنىلار. 2019 ـ يىلى 4 ـ ئايدا جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى ئىمزالانغاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ لائوس ئىككى تەرەپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىنى جۇڭگو ـ لائوس خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى، بەخت يولى، دوستلۇق يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىككە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ خەۋپسىزلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ مەنپەئەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لائوسقا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، لائوس تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپنىڭ ھازىر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىنى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ـ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ـ گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.


  تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى مۇھىم، زور ئىشى بولۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم تەسىرگە ئىگە. دۇنيا مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە 20 ـ قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.


  تۇڭلۇن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لائوسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ 2019 ـ يىلى لائوس ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانى ئىمزالانغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بۇ پىلاننى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوسقا ياردەم بەرگەن مۇھىم تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى، بولۇپمۇ لائوس ـ جۇڭگو تۆمۈريولى پۈتۈپ، لائوسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئامانلىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتىدىن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتكە ئۆزگىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئورگانىك تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، لائوس ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن تۇڭلۇن ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي پارتىيە، ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت ـ مائارىپ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.


  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ