مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ قازاقىستان زۇڭلىسى ئىسىمائىلوف بىلەن جۇڭگو-قازاقىستان زۇڭلىلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2022.12.02 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ «خەلق» سارىيىدا قازاقىستان زۇڭلىسى ئىسمائىلوف بىلەن جۇڭگو-قازاقىستان زۇڭلىلىرى سىنلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-نويابىر تېلېگراممىسى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ «خەلق» سارىيىدا قازاقىستان زۇڭلىسى ئىسمائىلوف بىلەن جۇڭگو-قازاقىستان زۇڭلىلىرى سىنلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دوست قوشنىلار، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. بۇ يىل 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق ئاساسىي ياخشى، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن، زور يۇشۇرۇن كۈچ ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى پىلانلاشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەم مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالاشنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە چېگرا پورتلىرىدىن مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودا سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ، قازاقىستاننىڭ توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگونى گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ھەمدە قىش پەسلىدىكى گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ. مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سۆھبىتى مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى خالايدۇ.


  ئىسمائىلوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قازاقىستان جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئالاقە راۋانلىقى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ