يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2022.12.08 23:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​شى جىنپىڭ تەزىيە سۆزى قىلدى​

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ھالدا يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا تەزىيە سۆزى قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  يولداش جياڭ زېمىن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ شانلىق نامى، تۆھپىسى، ئىدىيەسى، خىسلىتى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلق قەلبىگە مەھكەم پۈتۈلىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى يولداش جياڭ زېمىن ئالەمدىن ئۆتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى چەكسىز قايغۇ - ھەسرەتكە تولدى. 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ھالدا يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن مەملىكەت بويىچە رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئاخبارات تور بېكەتلىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت خەلق يولداش جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا تەزىيە سۆزى قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش جياڭ زېمىننى ھۆرمەتلەيمىز، يولداش جياڭ زېمىننى ياد ئېتىمىز، چۈنكى ئۇ بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنى ۋە زېھنىنى جۇڭگو خەلقىگە بېغىشلاپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ، ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلدى. بولۇپمۇ، پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى 13 يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئاجايىپ قابىلىيىتى، ئاچقۇچلۇق رولى، ئادەتتىن تاشقىرى سىياسىي رەھبەرلىك سەنئىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھۆرمەتلىشىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

  بۈگۈن، مەملىكەت بويىچە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى، بارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توختىتىلدى. تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن مەيدانى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى. رەئىس سەھنىسى ئاقۇچ كۈل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان بولۇپ، سەھنە ئالدىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ چوڭ ئەنلىك رەڭلىك سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسى سۈرەت ئالدىدىكى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغانىدى، جەسەت كۈلى قۇتىسىنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ تەقدىم قىلغان گۈل سېۋىتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغانىدى. ئالتە مۇراسىم ئەسكىرى قورال تۇتۇپ ھۆرمەت بىلەن ئىككى تەرەپتە قوغداپ تۇراتتى.

  رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر تىزىلغانىدى.

  زالنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان قارا تەگلىك، سېرىق گىرۋەكلىك، ئاق خەتلىك پىلاكاتقا: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبتىن ھۆرمەتلەيدىغان يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات!» دەپ يېزىلغانىدى. 3 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان قارا تەگلىك، سېرىق گىرۋەكلىك، ئاق خەتلىك پىلاكاتقا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتايلى!» دەپ يېزىلغانىدى.

  رەئىس سەھنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئىككى تەرەپكە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت، ھەمدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ يۇرتى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى قاتارلىقلار تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر قويۇلغانىدى.

  تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىغا سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت دەل 10دا، تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلەن ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرى تۆۋەن ئاۋازدا ماتەم مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، ماتەم مۇزىكىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىش ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالدى. جۇڭگو زېمىنى، پۈتۈن مەملىكەت قايغۇغا چۆمدى، يۈز مىليونلىغان خەلق ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوت قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا گۈدۈك - سىگنال چالدى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى يەر - جاھاننى لەرزىگە كەلتۈردى.

  سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، خەلق سارىيىدا ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. ھەيۋەتلىك مېلودىيە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

  پۈتۈن مەيداندىكى قايغۇلۇق كەيپىيات ئىچىدە، شى جىنپىڭ تەزىيە سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ تەزىيە سۆزىدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق ھاياتى ۋە ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 13 يىلدا خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش مۇساپىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. يولداش جياڭ زېمىن دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزۈپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سەر خىل قوشۇن قۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب بەردى، قانداق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بەردى، بىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يېڭى ئىدىيە، كۆز قاراش، ھۆكۈم ئارقىلىق ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى 13 يىلدا، يولداش جياڭ زېمىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارادىكى بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىشىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشىمىزغا، 1998 - يىلىدىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش جياڭ زېمىن ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىدە روشەن ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي خىسلەتنى تاۋلاپ چىقتى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئىنقىلابىي خىسلىتى قەلبىمىزگە مەڭگۈ ئورناپ، مەڭگۈ بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەزىيەمىزنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشىمىزغا چاقىرىق قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيەنى قۇرۇش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇرۇش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلۇقى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى زامانىمىزدىكى جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالىدىغان، دەۋر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان داغدام يول. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىز تاللىغان توغرا يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم دۇنيانى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىشتەك كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ياۋۇزلاردىن قورقماي، ئالۋاستىلاردىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ شانلىق نامى، تۆھپىسى، ئىدىيەسى، خىسلىتى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلقنىڭ قەلبىگە پۈتۈلىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەزىيە سۆزى قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يولداش جياڭ زېمىنغا ئۈچ قېتىم چوڭقۇر تەزىم قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىغا قاتناشقان ھەم گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلغانلاردىن يەنە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار. يولداش جياڭ زېمىن دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 5000 كىشى تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى.

  12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ھالدا يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ