مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

2023 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.12.09 01:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2023 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، 2023 ـ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتتى، تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىم ئۆستى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك چاقىرىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا ۋە كۈچلۈك پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە كۈچەپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك، پۇختا ۋە كۈچلۈك پۇل سىياسىتى دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك، كەسىپ سىياسىتىدە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك، پەن ـ تېخنىكا سىياسىتىدە دىققەتنى ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك، جەمئىيەت سىياسىتىدە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەندۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك. ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كادىرلارنى دادىل نەتىجە يارىتىش، يەرلىكنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كارخانىلارنى دادىل ئىشلەش، ئاممىنى دادىل ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئون يىلدا بىر شەمشەر تاۋلىغاندەك چىڭ تۇتۇلۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، لېكىن چوڭ ئىش ۋۇجۇدقا چىقتى، دەپ جاكارلايدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى. جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە ئىرادىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭ ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقاش، كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى توسمىسىنى مۇستەھكەملەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىغا باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يوشۇرۇن ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، خىزمەتتە قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق قىلىش، ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پارتىيە قائىدىسى تۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم پولاتتەك ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ھەم كادىرلارنى ئويغىنىش، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىق، تەلۋىلەرچە ئىش قىلىش قىلمىشلىرىنى ئېغىر مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇپ، چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىقى مول ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «نەپسانىيەتچى چىۋىن»لارنى قەتئىي جازالاپ، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يەنىمۇ يوقىتىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  يىغىن كېلەر يىلى 1 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 11 ـ كۈنىگىچە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ