شى جىنپىڭ رىيادقا يېتىپ باردى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

2022.12.09 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىيادقا يېتىپ باردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالماننىڭ تەكلىپى بويىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىيادتىكى پادىشاھ خالىد ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياد ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى شاھزادە فايسال، دىپلوماتىيە ۋەزىرى شاھزادە فايسال، جۇڭگو ئىشلىرى ۋەزىرى رۇماييان قاتارلىق خان جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، خۇ گۇەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىيادقا يېتىپ باردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالماننىڭ تەكلىپى بويىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ماڭدى. مەخسۇس ئايروپىلان رىيادنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، «سەئۇدى ئەرەبىستانى بۈركۈتى» ناملىق ئالتە مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلان ھەمراھ بولۇپ ئۇچتى.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىيادتىكى پادىشاھ خالىد ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ داغدۇغىلىق قىزغىن قارشى ئالدى. ئايروپورتتا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلانلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق ئىككى خىل رەڭدە رەڭدار لېنتا ھاسىل قىلدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى بىنەپشە رەڭلىك گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇردى، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياد ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى شاھزادە فايسال، دىپلوماتىيە ۋەزىرى شاھزادە فايسال، جۇڭگو ئىشلىرى ۋەزىرى رۇماييان قاتارلىق خان جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بولۇپمۇ 2016 ـ يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، مەن پادىشاھ سالمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن پادىشاھ سالمان ۋە تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئورتاق پىلانلايمىز. مەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ