مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

مىڭ يىللىق دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

2022.12.09 01:12 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، رىيادقا يېتىپ بېرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «رىياد گېزىتى»دە «مىڭ يىللىق دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ، رىيادقا يەنە بىر قېتىم كەلدىم، ئەرەب دوستلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنى ئاچىمىز ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ بىر قېتىملىق ۋارىسلىق قىلىش سەپىرى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش سەپىرى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۇنياسى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت.

  ماقالە جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، مىڭ يىللىق دوستلۇقنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش؛ ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش؛ تۆتىنچى، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭگو ـ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030 ـ يىل ئارزۇسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 10 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىردى، ھازىر جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇستەھكەم كۈچ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەرەب قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە تارىخىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ!

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ