مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى!

2022.12.07 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ، 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ماراكەش ئىسپانىيە بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە توپ كونترول قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ياخشى پۇرسەت يارىتالمىدى، ئىككى كوماندا ئادەتتىكى ۋاقىتتا 0-0 تەڭلىشىپ، ۋاقىت قوشۇپ بېرىش مۇسابىقىسىگە كىردى. ۋاقىت قوشۇش مۇسابىقىسىدە، ئىككى تەرەپ يەنىلا توپ كىرگۈزەلمەي، دەھشەتلىك نۇقتا توپ ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى. نۇقتا توپ ئۇرۇشىدا، ماراكەش كوماندىسى تۆت توپ تېپىپ ئۈچنى كىرگۈزدى، ئىسپانىيە كوماندىسى ئۈچ توپنىڭ ھەممىسىنى كىرگۈزەلمىدى. ئاخىرىدا ماراكەش نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدە 3:0 نەتىجە بىلەن سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

  2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە 6:1 نەتىجە بىلەن شىۋېيتسارىيەنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. گونسالو راموس بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم قالپاق ئويۇنى كۆرسەتتى؛ پېپې 39 ياش 283 كۈنلۈك يېشى بىلەن، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ قالدى؛ گرېيرو ۋە رافائېل لېئون ئايرىم-ئايرىم توپ كىرگۈزدى؛ ئاكەنجى شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى. 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە كوماندىسى ماراكەش كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىلىرى ئارا مۇسابىقە تۆۋەندىكىچە:

  گوللاندىيە VS ئارگېنتىنا

  ئەنگلىيە VS فرانسىيە

  كىرودىيە VS برازىلىيە

  ماراكەش VS پورتۇگالىيە



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ