مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا روب باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 27 مىليارد دوللار تۆلەم تەلەپ قىلدى

2022.12.05 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى يوۋاردى شەھىرى روب باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئېتىشۋازلىقتا ئامان قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى مۇشۇ ھەپتە ئىشتات ۋە شەھەر دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى، شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇپ، 27 مىليارد دوللار تۆلەم تەلەپ قىلدى.


  2022-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى يوۋاردى شەھىرىدىكى مەيداندا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ شياۋلىڭ فوتوسى.


  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 1-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەندە مەكتەپتە بولغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تېكساس ئىشتاتى غەربىي رايون فېدېراتسىيەسى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزنامە سۇنغان، ئەرزنامىدە كۆرسىتىلگەن جاۋابكارلار يوۋاردى شەھىرى، يوۋاردى بىرلەشمە مۇستەقىل ئوقۇتۇش رايونى، ئوقۇتۇش رايونى ساقچى ئىدارىسى، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، تېكساس ئىشتاتى ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ھەمدە يۇقىرىقى ئورگانلاردىكى نۇرغۇن ئىشلەۋاتقان ياكى خىزمەتتىن ئايرىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى روب باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئېتىشۋازلىق دېلوسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىدى، دەپ شىكايەت قىلغان.


  2022-يىل 5-ئاينىڭ 27 -كۈنى، ساقچىلار تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى يوۋاردى شەھىرىدىكى ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىرتىغا گۈلدەستە تىزماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ شياۋلىڭ فوتوسى.


  5-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر ئەر روب باشلانغۇچ مەكتىپىگە قوراللىق كىرىپ، 19 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئىككى ئوقۇتقۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ ئامېرىكىدا 10 يىلدىن بۇيان مەكتەپتە يۈز بەرگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئەڭ كۆپ ئېتىشۋازلىق ۋەقەلىرىنىڭ بىرى. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، قاتىل مەكتەپكە بۆسۈپ كىرىپ قاتىللىق قىلغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت قوللىنىپ قاتىلنى توسمىغان، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزمىغان.


  دەۋاگەر تەرەپ مۇنداق دېدى: مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن 376 نەپەر ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم «دېلو سادىر قىلىۋاتقان قاتىلغا تاقابىل تۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى» بويىچە تېز ھەرىكەت قوللانماي، بىر قارارغا كەلمەي 77 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قاتىلنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. جاۋابكار تەرەپ دەۋا خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.


  ئېتىشۋازلىق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئىستېپا بەرگەن، مەمۇرىي جەھەتتىن دەم ئېلىشقا بۇيرۇلغان ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
تېكساس شتاتلىق پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى 7-ئايدا ئېتىشۋازلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، تراگېدىيەنىڭ «ئىنتايىن ناچار تەدبىر» دىن كېلىپ چىققانلىقىنى، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ «سىستېمىلىق مەغلۇبىيەت» ىنى ئاشكارىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ