مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئىران كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى كۇيروس بىز تەڭلىشىپ قېلىشىمىز كېرەك ئىدى، دېدى

2022.12.01 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى B گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان «ھايات-ماماتلىق جەڭ»دە ئامېرىكا كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمەي گۇرۇپپىدىن يېڭىپ چىقىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىران كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى كۇيروس مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە بىر مەيدان تەڭلىشىپ قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


  «بىز مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەيسەرلىكىمىزنى نامايەن قىلدۇق. بىز ئۈچ قېتىم روشەن توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى ياراتتۇق، بىر توپ كىرگۈزۈپ، گۇرۇپپىمىزنىڭ يېڭىپ چىقىشىمىزغا ياردىمى بولۇشقا ئەرزىيتى»دېدى كۇيروس مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى، بىز ئاخىرى توپ كىرگۈزەلمىدۇق، پۇتبول مانا مۇشۇنداق بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت، كۆپ توپ كىرگۈزگەن تەرەپنى مۇكاپاتلايدۇ، ئاز توپ كىرگۈزگەن ياكى توپ كىرگۈزمىگەن تەرەپنى جازالايدۇ».


  بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت ئىراننىڭ 6-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىدىن يېڭىپ چىقىش تىرىشچانلىقىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ پورتۇگالىيەلىك بۇ تىرېنېرنىڭ ئىران كوماندىسىنى باشلاپ 3-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە توختاپ قېلىشى.


  كۇيروس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن توپچىلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەن توپچىلار بىلەن دائىم بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپ مەيدانىدىكى ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىددىي ھېسسىياتىنى ئىسپاتلىماقچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمەن». ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ بەدەل تۆلەپ، شۇنچە ئاز جاۋابقا ئېرىشكەن دۆلەت كوماندىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەر ئويلاپ يېتەلمەيدىغان بەدەللەرنى تۆلىدى.


  ئۇ مۇنداق دېدى: «توپچىلارنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ۋە بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئۇلار كىيگەن بۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ جەڭ كىيىمىگە يۈز كېلەلەيدۇ».


  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، مەن يەنىلا بۈگۈن غەلىبە قىلغان ئامېرىكا كوماندىسىنى تەبرىكلەيمەن، ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىدە ھەممە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن».



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ