مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكىنىڭ كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى ئىكەن

2022.11.08 12:14 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «دۆلەت كىلىماتىنى باھالاش» لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «تەسىرى چۇڭقۇر ھەمدە ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىدىغان» ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن 50 يىلدىكى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتى يەرشارىنىڭ ئومۇمىي ئىللىپ كېتىش سۈرئىتىدىن %68 يۇقىرى بولغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى تېمپېراتۇرىدىن 1.1 سېلسىيە گرادوس يۇقىرى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ 1970- يىللىرىدىن بۇيانقى تېمپېراتۇرىسى 1.39 سېلسىيە گرادوس يۇقىرى بولۇپ، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نەچچە مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئامېرىكىدا يۈز بېرىش قېتىم سانى 1980-يىلىدىكى ھەر تۆت ئايدا بىر قېتىمدىن كۆپىيىپ ھازىر ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ قاتتىق قارايامغۇر، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا، دالا ئوت ئاپىتى ۋە كەلكۈن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا نۆۋەتتە يەرشارىدىكى ئەڭ ئېغىر دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلۈشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ھەقىقىي ھەل قىلىش لايىھەسى سىياسىي ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ