شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى

2022.11.04 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا كېلىپ رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا كېلىپ رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن، سىزنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە بىر - بىرىنى قوللاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، پاكىستاننى باشتىن - ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - پاكىستان پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قەتئىي ئالغا سىلجىتقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان خەلقىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ، جىددىي ياردەم بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، پاكىستاننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پاكىستان تەرەپنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بىرلەشمە ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. گىۋادەر پورتىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پورتنىڭ رايونلارنىڭ تۇتاش تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، 1 - نومۇرلۇق تۆمۈريول غول لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تۈرى ۋە كاراچى شەھەر ئايلانما تۆمۈريول تۈرىنى بالدۇرراق يولغا قويۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق تۈردە پاكىستان تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ پاكىستان تەرەپ بىلەن قوشماقلىشىپ كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن پاكىستاندىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىمەن، پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستانغا بېرىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان جۇڭگو ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنى ئىشەنچلىك بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە يۈزبېرىۋاتىدۇ. يۇقىرى ئېنىقسىز دۇنياغا قارىتا، ئىككى تەرەپ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى ساقلاپ، مۇھىم، زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيانى ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ، پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى چوڭقۇر «جانجىگەر» دوستلۇقنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دەۋر مۆجىزىسى دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى ھەم خەلقئارادا كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۇنيا جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونى يېتىم قالدۇرالمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىشىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيانى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

  شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان - جۇڭگو پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پاكىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەم پاكىستان پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوچۇق قوللۇق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھېچقانداق دۆلەت پاكىستان قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە جۇڭگوغا ئوخشاش مۇشۇنداق چىن كۆڭلىدىن، سەمىمىي ياردەم بەرگەن ئەمەس. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، پاكىستاننىڭ كەلگۈسى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە بىردىنبىر تاللىشى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ 1 - نومۇرلۇق تۆمۈريول غول لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ۋە كاراچى شەھەر ئايلانما تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پاكىستان تەرەپ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. پاكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقى پولاتتەك مۇستەھكەم، پاكىستان تەرەپ مەڭگۈ جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا شاھباز ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ