مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 31 - نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.11.04 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى − ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 31 - نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئالجىردا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئالجىرىيە ئۇزاق مۇددەت ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئالجىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، قەتئىي تۈردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ