شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.11.02 09:08 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا رۇەن فۇجۇڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم، بۇ ئورتاق تونۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى: يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، توغرا، راۋان مېڭىپلا قالماي، بەلكى پۇختا، ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، جەزمەن تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. بىز يەنە شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىق ۋىيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو، ۋىيېتنام قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدەندى، سوتسىيالىزم كۈندىن - كۈنگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىر ئۇزاق، ئەگرى - توقاي جەريان بولۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە كەسكىن خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە خەلققە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، ھەرقانداق كىشىنىڭ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزگە كاشىلا قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، ھەرقانداق كۈچنىڭ بىزنىڭ تەرەققىيات تۈزۈم ئاساسىمىزنى تەۋرىتىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ سوتسىيالىزمنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككى پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىكتىكى ھەرقايسى تارماقلار ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورتاق تونۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىكى ئىككى پارتىيە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىنى ساقلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، ئىناۋىتى ياخشى، تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى ۋىيېتنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقلەر ئارا دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتتىكى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخبارات تەشۋىقات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايون دەپ قارايدۇ، ۋىيېتنامنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىنچ، ئىناق، ئاۋات، گۈزەل، دوستانە بولغان «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىللە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ تىنچ، مۇقىم، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېنىڭ ۋىيېتنام تەرەپ رەھبەرلىرىنى باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈپىتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، مەنمۇ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭغا بەرگەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگونى زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى دۆلەت قىلىپ تاللايمەن دېگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. مەن ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇ، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ئۆتكەنكى 10 يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى يۈكسەك ئىناۋىتىگە بولغان يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشىنىشىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىۋاتقان دۆلەتلەرنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن يېڭى ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ.

  رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم تەكلىپىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاشقى سىياسىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىپ، «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھى بويىچە ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ۋىيېتنامدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، ھەرقانداق ھەربىي ئىتتىپاققا قاتناشمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەتكە قورال كۈچى ئىشلىتىپ تاقابىل تۇرمايدۇ، بىر دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىر دۆلەتكە قارشى تۇرمايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاش ئارقىلىق، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. پارتىيەلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر بار بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمى، بولۇپمۇ ۋىيېتنام - جۇڭگو ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىدۇ. خەلقلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى قوغداپ، ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەم سىجىل تۈرتكە بولۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەملىكىنى ساقلايدۇ، دېڭىز تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دېڭىز مەسىلىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنى بەلگە قىلىپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئاچقۇچلۇق يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ۋىيېتنام - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ئىككى تەرەپ ئىمىزالىغان سىياسىي پارتىيە، ئىقتىساد - سودا، مۇھىت قوغداش، مەدەنىيەت - ساياھەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، تامۇژنا، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلەرگە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا رۇەن فۇجۇڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى. شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭغا يېڭىدىن سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان يولداشلارنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى. رۇەن فۇجۇڭ سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى يۈكسەكلىككە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ