مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق دۇنيا شەھەر كۈنى يەرشارىۋى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم 2 - نۆۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى يەرشارىۋى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.11.02 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق دۇنيا شەھەر كۈنى يەرشارىۋى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم 2 - نۆۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى يەرشارىۋى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا شەھەر كۈنى يەرشارىۋى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى «شەھەر تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېگەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ پۈتۈن يەرشارىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ماس، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە «يېڭى شەھەر قارالمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2022 - يىللىق دۇنيا شەھەر كۈنى يەرشارىۋى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم 2 - نۆۋەتلىك شەھەرلەر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى يەرشارىۋى يىغىنى شۇ كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «ھەرىكەتكە كېلىپ، يەرلىكتىن پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلىنەيلى» بولۇپ، بۇنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئولتۇراقلىشىش مەھكىمىسى ئورتاق ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ